|
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەققىدە
ئەرەب بىرلەشمە
خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى:
ئەرەب بىرلەشمەخەلىپىلىكى ئەبۇزەبى، دۇبەي، شارجا،
ئەجمان، ئۇم ئەل قۇۋەين، راس ئەل خەيمە ۋە فۇجەير قاتارلىق
يەتتە خەلىپىلىكتىن تەركىب تاپقان. بۇ دۆلەت، 1971 - يىلى
12- دېكابىردا قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى 12 ـ دېكابىر كۈنى
دۆلەت بايرىمى داغدۇغىلىق پائالىيەتلەر بىلەن قىزغىن
تەبرىكلىنىدۇ.
جۇغراپىيىلىك ئورنى:
ئەرەب
بىرلەشمە خەلىپىلىكى پارىس قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ،
شەرقتە ئوممان بىلەن، غەرب ۋە جەنۇبتا سەئۇدى ئەرەبىستان
بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئىران ــ خەلىپىلىككە شىمالدىكى ئەڭ
يېقىن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. خەلىپىلىكنىڭ ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى
(تەخمىنەن 200 ئارالنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا) 83 مىڭ 600
كۇادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
ۋاقىت پەرقى:
بېيجىڭ ۋاقتىدىن 4 سائەت كېيىن.
مۇھىم تېلېفون نومۇرلىرى:
ئەرەب بىرلەشمە
خەلىپىلىكىنىڭ خەلقئارالىق تېلېفون كود نومۇر: 00971
ساقچى: 999 ئوت ئۆچۈرۈش: 997
دۆلەت رەئىسى:
دۆلەت رەئىسى: شەيخ خەلف بىن زايىد ئەل نەھيان.
مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش مىنىستىرى: شەيخ مۇھەممەد بىن راشىد
ئەل مەكتۇم.
ھۆكۈمەت:
ئەرەب بىرلەشمە
خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبى بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت
ئورگانلىرى شۇ يەرگە جايلاشقان. لېكىن ھەر بىر
خەلىپىلىكنىڭ ئايرىم ھاكىمى ۋە شۇ ھاكىمنىڭ ئۆز خەلىپىلىكى
دائىرىسدە يەرلىك قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ.
دۆلەت بايرىقى:
(بۇ يەرگە بايراقنى چاپلاڭ)
دۆلەت تىلى:
دۆلەتنىڭ رەسمى تىلى ئەرەب تىلى
بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنگىلىز، ئوردۇ (ھىندى) ۋە پارىس
تىللىرى سودا ۋە باشقا ساھەلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپ قسىمى ھىندى، فىلىپپىنلىق ۋە پارسلار
بولۇپ، ئۇندىن باشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن
200 دىن ئارتۇق مىللەت بار.
پۇل بىرلىكى:
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پۇلى «دىرھەم» دەپ ئاتىلىدۇ.
بىر دىرھەم 100 «فىلىس» قا بۆلۈنىدۇ.
ھاۋا
كىلىماتى:
نورمال ھاۋا كىلىماتى ئۆكتەبىردىن
مارتقىچە بولۇپ، كۈندۈزى ھاۋا ئوچۇق ھەم ئىللىق، ئوتتۇرىچە
تېمپېراتۇرا 26 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. كېچىسى سوغۇقراق
بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 15 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.
ياز پەسلى ئاپرېلدىن سېنتەبىرگىچە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھاۋا
نەم ئىسسىق بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 50 گرادۇسقا
چىقىدۇ. يازدا دۆلەت ئەتراپىدا جەنۇبى ۋە شىمالى قۇتۇب
شاماللىرى چىقىپ، بەزىدە يېنىككىنە قۇم بورىنى ھاسىل
بولىدۇ.
نوپۇسى:
ئەرەب بىرلەشمە
خەلىپىلىكىنىڭ نوپۇسى 2005- يىلنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت
سىتاتىسكىسىدا ئېلان قىلىنىشىچە، 4 مىليون 41 مىڭغا
يەتكەن.
ئىقتىسادى ئەھۋالى:
ئەرەب بىرلەشمە
خەلىپىلىكى نېفىت سانائىتىدە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم
دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. پەقەت ئەبۇزەبىنىڭ ئۆزىدىلا
دۇنيادىكى مۇقىم نېفىت بايلىقىنىڭ %10 ى بار (يەنى 98
مىليارد توڭ). سودا ئىشلىرىدىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلغان
بولۇپ، ھازىر ھەممە شەھەردە دېگۈدەك ئەركىن سودا رايونلىرى
قۇرۇلۇپ، باجسىز ۋە ئاددىي رەسمىيەت بىلەن ئىش بېجىرىپ،
نۇرغۇن سودىگەرلەرنى ۋە سودا ـ سانائەت مەركەزلىرىنى بۇ
دۆلەت ئىچىدە مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2000 - يىللىق ئومۇمى كىرىمى
71 مىليارد 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇنىڭ
ئىچىدە نېفىت سودىسىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 17 مىليارد 200
مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، باشقا سودىنىڭ ئۇمۇمىي قىممىتى
54 مىليارد 200 مىليونغا دوللارغا يەتكەن بولۇپ، كىشى
بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 19 مىڭ 80 ئامېرىكا
دوللىرىغا يەتكەن.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە كىرىش ۋىزىسىنى دۆلەتكە يېتىپ
كەلگەندىن كېيىن ئايرۇدرۇمدا بېجىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان 34
دۆلەتنىڭ تىزىملىكى: شياڭگاڭ جەنۇبى كورىيە
سىنگاپۇر ياپونىيە مالايسىيە برۇنىي ئەنگىلىيە
فرانسىيە لىيىچىستېين گىرمانىيە گوللاندىيە
بىلگىيە لىيۇكسىمبۇرگ شىۋىتسارىيە ئاۋىستىرىيە
شىۋىتسىيە نورۋىگىيە دانىيە پرۇ ئىرلاندىيە
گرىتسىيە فىنلاندىيە ئىسپانىيە موناكو ۋاتىكان
ئىسلاندىيە ئاندورا سان مارىنو ئىتالىيە
كانادا ئامېرىكا ئاۋىستىرالىيە يېڭى زىلاندىيە
پورتۇگالىيە
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ۋىزا
بېجىرىش
مەلۇماتلار 2007 ـ يىلى 30 ـ
نويابىردا توپلانغان ۋە مەزمۇنى شۇ ۋاقتىدا توغرا
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تاموژنا بەلگىلىمىلىرى ھەم
بىر قەدەر مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىشچان.
ئادەتتە
ۋىزىنىڭ تۈرى بىر نەچچە خىل بولۇپ، زىيارەت، ساياھەت ۋە
دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋىزىلىرى ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدۇ.
زىيارەت ۋىزىسى: مۇناسىۋەتلىك تىزىملىكتە ئىسمى بار بولغان
34 دۆلەت پۇخرالىرى ئايدۇرۇمغا يېتىپ كەلگەندە، 30 كۈنلۈك
ھەقسىز ۋىزا ئالالايدۇ ۋە 60 كۈنگىچە تۇرۇش رۇخسىتى
ئالالايدۇ. ئەگەر داۋاملىق تۇرۇشنى خالىسا، 500 دىرھەم
رەسمىيەت ھەققى تۆلەپ، 30 كۈن ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن، زىيارەت قىلغۇچى يەنە داۋاملىق تۇرماقچى
بولسا، دۆلەتتىن چىقىپ كېتىپ، قايتا كىرىشى كېرەك. شۇندىلا
ئىككى ئايلىق ۋىزا بېجىرىلىۇ. بۇنداق ئەھۋال پەقەت ئىككى
قېتىملا تەكرارلىنالايدۇ. 3 ـ قېتىملىق ۋىزىنىڭ ۋاقتى
توشقاندىن كېيىن، زىيارەت قىلغۇچىنىڭ ۋىزىغا قايتا
ئىلتىماس سۇنۇشتىن بۇرۇن، دۆلەت سىرتىدا كەم دېگەندە بىر
ئاي تۇرۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئايدۇرۇمدا ۋىزا بېرىلىدىغان
دۆلەتلەر تىزىملىكىدە يوق دۆلەت پۇخرالىرىنىڭ زىيارەت
ۋىزىسىنى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى، دوستلىرى ياكى
بىرەر شىركەت ئىگە بولۇپ چىقىرىشى كېرەك. زىيارەت
قىلغۇچىنى چاقىرتقان شەخس ياكى ئورۇن تەلەپ قىلىنغان
ماتېرياللار بىلەن ۋىزا ئىلتىماسىنى يۇقىرىغا سۇنىدۇ.
رەسمىيەت پۇلى 100 دىرھەم بولۇپ، ۋاقتى توشقاندا، 500
دىرھەم رەسمىيەت ھەققى بىلەن يەنە بىر ئايلىق ئۇزارتىشقا
بولىدۇ.
ساياھەت ۋىزىسى: بۇ ۋىزا ساياھەتچىلەرگە
ساياھەت شىركەتلىرى ۋە مېھمانخانىلار تەرىپىدىن
تەمىنلىنىدۇ. رەسمىيەت ھەققى 100 دىرھەم، يەتكۈزۈپ بېرىش
ھەققى 10 دىرھەم بولۇپ، بۇ خىل ۋىزىنىڭ ۋاقتى
ئۇزارتىلمايدۇ.
ئالاھىدە ئىش بېجىرىش ۋىزىسى: بۇ
خىل ۋىزىنىڭمۇ ۋاقتى ئۇزارتىلمايدىغان بولۇپ، رەسمىيەت
ھەققى 220 دىرھەم ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش ھەققى 10 دىرھەم. بۇ
ۋىزا ترانزىت ۋىزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ۋىزىنى
ئادەتتە شىركەتلەر ۋە مېھمانخانىلار ئىشلەپ بېرەلەيدۇ ۋە
يولۇچى ۋىزىنى ئايرودرومدىن ئۆزى تاپشۇرىۋالسا بولىدۇ.
ۋاقىتلىق خىزمەت ۋىزىسى: بۇ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان
ۋىزا تۈرى بولۇپ، شىركەتلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئىشچىلارغا بولغان
ئېھتىياجىنى قامداش ۋە قاچاق ئىشچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ۋىزىنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئاي
بولۇپ، 600 دىرھەم رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. مۇددەت
توشقاندا، 1200 دىرھەم رەسمىيەت ھەققى بىلەن يەنە ئۈچ ئاي
ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بۇ ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن
شىركەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقىنى
ئېلىشى كېرەك.
ترانزىت ۋىزا: بۇ ۋىزا ئەرەب
بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئايرۇدرومىدىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى بىر
دۆلەتكە كېتىدىغان يولۇچىلار ئۈچۈن بېجىرىلىدۇ. بۇنىڭ
ۋاقتى 96 سائەت بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە ئورنى بار ئاۋىئاتسىيە
شىركەتلىرى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ساياھەتچىنىڭ ئىككىنچى دۆلەتكە
ئۇلىشىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتى بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. بۇ
ۋىزىنىڭ رەسمىيەت ھەققى بولمايدۇ.
كۆپ قېتىملىق
كىرىش ۋىزىسى: بۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە داۋاملىق
كېلىپ تۇرىدىغان تىجارەتچىلەر ئۈچۈن بىر تاللاش. ئادەتتە
بۇنداق تىجارەتچىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوك شىركەتلەر
بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولىدۇ.
كۆپ قېتىملىق
كىرىش ۋىزىسى بېجىرىلگەندىن باشلاپ ئالتە ئايغىچە كۈچكە
ئىگە بولۇپ، رەسمىيەت ھەققى 1000 دىرھەم بولىدۇ. ئەمما ھەر
قېتىم كىرگەندە، 30 كۈندىن ئۇزۇن تۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق
ۋىزىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋۋال زىيارەت ۋىزىسى بىلەن كىرىپ،
ئاندىن دۆلەت ئىچىدە تۇرۇپ ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
دائىمىي تۇرۇش ۋىزىسى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە
ئاللىبۇرۇن خىزمەت ۋىزىسى بىلەن تۇرۇۋاتقان بىرەرسى بىلەن
قەرەلسىز تۇرۇش ئۈچۈن، دائىمىي تۇرۇش ۋىزىسىغا ئىلتىماس
قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋىزا دۆلەت ئىچىدە خىزمەت
قىلىۋاتقان ئەر خىزمەتچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا
بېجىرىلىدۇ. رەسمىيەت ھەققى 300 دىرھەم بولۇپ، تۇرۇش
مۇددىتى 3 يىل بولىدۇ.
ۋىزا ئىگىسى دۆلەت سىرتىدا
بىرلا ۋاقىتتا 6 ئايدىن كۆپ تۇرۇپ قالسا، ۋىزا ئىناۋەتسىز
بولىدۇ.
خىزمەت ۋىزىسى بار كىشىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا
ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغاندا، يېڭىلاشقا بولىدىغان بىر
يىللىق تۇرۇشلۇق ۋىزىسى چىقىدۇ ۋە رەسمىيەت ھەققى ھەر
يىلىغا 100 دىرھەم بولىدۇ. كېيىن قايتۇرۇلىدىغان زاكالەت
پۇلىدىن 5000 دىرھەم ھەر بىرسىگە تۆلەش كېرەك.
مەبلەغ سالغۇچى ۋىزىسى: بۇ خىل ۋىزا يەرلىك بىر تىجارەتچى
بىلەن شېرىكلىشىپ شىركەت قۇرغان چەتئەللىك تىجارەتچىگە
بېجىرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سالغان مەبلىغى 70 مىڭ دىرھەمدىن
ئاز بولماسلىقى شەرت قىلنىدۇ. دائىمىي تۇرۇش ۋىزىسىغا
ئوخشاش، بۇ ۋىزىنىڭ رەسمىيتىمۇ 300 دىرھەم بولىدۇ.
خىزمەت ۋىزىسى: خىزمەت ۋىزىسى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر
مىنىستىرلىكىدىن رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرلار
ئىشخانىسىدىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ
بىرىدە ئىشلەشنى خالايدىغان چەتئەللىكلەرگە بېجىرىلىدۇ.
ۋىزا ئىگىسى ۋىزا چىققان تارىختىن باشلاپ 2 ئاي ئىچىدە
دۆلەتكە كىرسە بولىدۇ ۋە كىرگەندىن كېيىن بىر ئاي ئىچىدە
مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ تولۇقلىشى كېرەك.
خىزمەتچى بۇنداق ۋىزا بىلەن كىرگەندىن كېيىن، ئۇندىن
كىيىنكى رەسمىيەتلەرنى خىزمەتكە ئالغان شىركەت ئۆز ئۈستىگە
ئالىدۇ ۋە تۇرۇشلۇق ۋىزىنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ
بېرىدۇ.
www.sayahat.com
|